خىتاي توخۇ گۆشىنى مەنئىي قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تۆخۇ گۆشى ئىستېمال قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھورمون تەرتىپسىزلىكى سەۋەبلىك «كۆكرەك ئاغرىقى كېسەللىكى» دىن شىكايەت قىلىپ، دوختۇرخانىلارغا بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى مەنئىي قىلدى.

584881
خىتاي توخۇ گۆشىنى مەنئىي قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا يېقىندىن بۇيان ھورمون تەرتىپسىزلىكى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر كۆكرەك ئاغرىش بىلەن شىكايەت قىلىپ، دوختۇرخانىلارغا سەلدەك ئاققان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ كىشىلەرنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇلارنىڭ قانلىرىدا پەقەت توخۇلاردىلا بولىدىغان بىر خىل ئاقسىل بايقالغان.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ھورمونلۇق توخۇ مەسىلىسىدە كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ ئەرز سۇنغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن توخۇ گۆشىنى چەكلەش قارارى ئالغانلىقىنى، بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان شىركەتلەرنىڭ جازالاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پۈتكۈل دۇنيادىكىگە ئوخشاشلا خىتايدىمۇ ھورمونلۇق ۋە ئانتىبىئوتىكلىك توخۇلار ناھايىتى كۆپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئىشلەپچىقارغۇچىلار بالدۇر ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇنداق ھايۋانلارغا ھورمون ۋە ئانتىبىئوتىك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئادەتتە 2 ئايدا ۋايىغا يېتىدىغان توخۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستېمال قىلىشقا تەييار ھالغا كېلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قارار ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، نۇرغۇن توخۇ گۆشى شىركەتلىرى تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر