ئامېرىكا مېتيۇ قۇيۇنىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلدى

يېقىنلىشىۋاتقان مېتيۇ قۇيۇنى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ساھىللىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

584245
ئامېرىكا مېتيۇ قۇيۇنىنىڭ خەۋپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلورىدا، جورجىيا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كارولىنا ئىشتاتلىرىنىڭ قىرغاق رايونلىرىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىندى. كۆپلىگەن جايلاردىكى خەلق بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىدى.

مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، قۇيۇننىڭ سائىتىگە 115 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە چىقىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باراك ئوباما فىلورىدادىكى پىروگراممىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئوباما ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتىپ جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ، ئالاقىدار مەسئۇللاردىن مەلۇمات ئىگىلىدى.

قۇيۇن بېسىپ ئۆتكەن جايلاردا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ۋە سەل ئاپەتلىرىنى پەيدا قىلغان مېتيۇ قۇيۇنى، كۇبا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ۋە ھايتىدا 11 جانغا زامىن بولدى.

ئاپەت يۈزىسىدىن ھايتىدا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى كېچىكتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر