ئەتمە لاگېرىدىكى ھۇجۇمدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 30 ئەسكىرى ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ئەتمە لاگېرىدا مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكە ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى سېپىدىكى 30 ئۆكتىچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

583935
ئەتمە لاگېرىدىكى ھۇجۇمدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 30 ئەسكىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسى چېگراسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يەنە 20 كىشى يارىلاندى. پارتلاش ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى نۆۋەت ئالماشتۇرۇۋاتقان پەيتتە يۈز بەردى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەتمەدە مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى. ئۇ، ئۆيىدىن يىراقتا ياشاۋاتقان، لاگېردا پاناھلىنىۋاتقان كىشىلەرگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىنسانلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر