كانادادا بېشىنى ئېچىشنى رەت قىلغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن قوغلاپ چىقىرىلدى

كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە بىر خۇسۇسىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بېشىنى ئېچىشنى رەت قىلغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىسىنى ئىمتىھان مەيدانىدىن قوغلاپ چىقاردى.

583101
كانادادا بېشىنى ئېچىشنى رەت قىلغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ئىمتىھاندىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: College de Maisonneuve مەكتىپىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە توغرۇلۇق خەۋەر تالقالغاندىن كېيىن، مەكتەپ باياناتچىسى Line Legare بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەقە بىيولوگىيە ئوقۇتقۇچىمىز ئوقۇش باشلانغان ھامان ئۇقتۇرغان، <ئىمتىھان جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەپكە (باش كىيىمى)، ئۇزۇن چاچ ياكى ياغلىق ئارقىلىق قۇلاقلىرىنى يېپىشقا بولمايدۇ> تەرىقىسىدىكى  بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىنغانلىقى تۈپەيلى يۈز بەردى. ئوقۇتقۇچىمىز بۇ بەلگىلىمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا قۇلاقلىق ئىشلىتىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلماسلىقى ئۈچۈن چىقارغانىدى.»

Legare ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان مۇسۇلمان قىز ئوقۇغۇچى ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن بېشىنى ئاچالمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنى ئىمتىھاندىن چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەقەنىڭ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەنمۇ بىئاراملىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن Legare ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا ۋاقىتتا ئىمتىھانغا كىرىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىسى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ھەقتە شىكايەتتە بولمىغانلىقىنى، مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ بۇنداق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۋىبېك ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى فىلىپې كۋىلاد بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوقۇتقۇچى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋەقەنىڭ باشلانغان يەردە ھەل بولغانلىقىغا سۆيۈندۈم. نۆۋەتتە بىز تۈزۈۋاتقان ۋە يېقىندا پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى بۇنداق ۋەقەلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي تالاش - تارتىش قىلىشقا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر