«ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەنزىرىسى ھېچنېمىگە قايىل بولمايدىغان بېشى قېيىپ قالغان كىچىك بالىدەك كۆرۈنىدۇ»

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەنزىرىسى بىر تەرەپتىن، ھېچنېمىگە قايىل بولمايدىغان بېشى قېيىپ قالغان كىچىك بالىغا ئوخشايدىغاندەك كۆرۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىۋاتقان تۈركىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ

582663
«ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەنزىرىسى ھېچنېمىگە قايىل بولمايدىغان بېشى قېيىپ قالغان كىچىك بالىدەك كۆرۈنىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇنداق بىر سېنارىيەنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىدىن مەركىزى ھەربىي قوماندانلىق كېڭىشى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئەلقائىدە بىلەن شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي، يەنە قول ئىلكىدىكى ئەڭ ئىلغار قورال – ياراغلار، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە بومبىلارنى بېرىدۇ ۋە ئېيتىدۇكى؛ «ئەلقائىدە بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز. بىز ئىتتىپاقدىشىمىزنى قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورا جەھەتتىن تولۇق تەمىنلەيمىز.»

يەنە شۇ ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ مەركىزى ھەربىي قوماندانلىق كېڭىشىگە قاراشلىق يەنە بىر ھەربىي قانىتى بولسا مۇنداق بايانات ئېلان قىلىدۇ:

«ئافغانىستان خەلقى بىزنىڭ ئىتتىپاقدىشىمىز. بىز ئەلقائىدە قاتارلىق بارلىق تېررورىستلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى بىر دۆلەتمىز. دۆلىىتمىز بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ئۇنداق ئاسانلا يىمىرىلىدىغان ياكى ئاجىزلىشىپ كېتىدىغان ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس. دەرۋەقە،  بۇ جۇغراپىيەدە خەلقىمىز بىلەن ئافغانىستاننىڭ تەقدىرى ئوخشاش.»

ئارقىدىنلا شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «بىز ئەلقەئىدەگە قورال - ياراغ ئەۋەتىمىز» دېسە، قانداق بولار؟

مەسىلەن، ئەنگلىيەمۇ شۇنداق باياناتلارنى ئېلان قىلسا، ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيە تۇتار؟  ھىندى ئوكيان، ئاقدېڭىز ۋە ئاۋىيانو ھەربىي بازىلىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى لوندونغا ۋە ناۋال سەرۋىسكە قارىتىلماسمۇ؟

ئامېرىكا پۈتكۈل دۇنيانى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەسمۇ؟ ئەنگلىيەنى خەلقئارا ساھەدە تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەت دەپ ئەيىبلىمەسدۇ؟

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى بىر تەسەۋۋۇر، خالاس.

ئەمدى تۆۋەندىكى ئەھۋالغا نەزەر تاشلاپ باقايلى:

EUROCOM ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ قىسقىچە نامى بولۇپ، قارىشى تۈركىيەنىڭ سۈرىيە سىياسەتلىرىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا رايوندا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى خالايدۇ. بۇ ئىستىكىنى ۋاشىنگتونغا قارىماي ئوچۇق - ئاشكارا بىلدۈرىدۇ.  بۇ مەركەز تۈركىيەنىڭ بىتەرەپ رايون ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قاراشلىرىنى قوللايدۇ. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا پ ي د دىن راھەتسىز. تۈركىيەگە ئوخشاشلا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنى قوللايدۇ ھەمدە ئاخىرىدا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

CENTCOM  بولسا ئامېرىكا مەركىزى ھەربىي قوماندانلىق كېڭىشىنىڭ قىسقىچە نامى بولۇپ، نىشانى ئوخشىمايدۇ. ياۋروپا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ دەل ئەكسىچە دائېشقا ئوخشاشلا خەۋپلىك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان پ ي د گە يېقىندۇر. سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىپ، كوردلار سۈرگۈن قىلىنغان ۋە پ ي د كارىدورى بەرپا قىلىنغان بىر ئەھۋالنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىنى خالايدۇ. سۈرىيەنىڭ دۆلەت ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قوللايدۇ. بۇ قاراشنى مەيلى قوماندانلىق مەركىزىدىكى گېنېراللارنىڭ، مەيلى گېزىت - ژۇرناللارنىڭ، مەيلى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بولسۇن، ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلىدۇ.

قىسقىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھەربىيلەرنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق بولۇپ، بىر – بىرى بىلەن زىتلىشىۋاتقان، ھەتتا توقۇنۇشۇۋاتقان بىر خىل ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تۈركىيەنىڭ پىكىرلىرىنى رەت قىلىدىغان  قاراشلىرىنى پىرېزىدېنت ئوباما پات - پات تىلغا ئالىدۇ. تۈركىيە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئىتتىپاقداشلىرىغا پۇقرالارنى قوغداش ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنىنىڭ شەكىللىنىپ  قالماسلىقى ئۈچۈن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىش تەكلىپىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. بۇ يەردە ئىتتىپاقداشلىق دېيىلگەن ھامان، ئامېرىكا دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.

تۈركىيەنىڭ پۇقرالارنى قوغداش ۋە كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش دولقۇنى شەكىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق سۇنغان بۇ تەكلىپى پىرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن داۋاملىق رەت قىلىندى.  ھەتتا ييېقىندا ئوباما «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» تەكىلىپىگە قوشۇلمىدى. بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلمىغان ئوباما «<ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون> بەرپا قىلىش سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەك قىلىش چارىسى بولالمايدۇ» دېدى.

ئوبامادىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچۇشلارغا چەكلىمە قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بايان قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى.

دېمەك، ئوتتۇرىدا ناھايىتى جىددىي زىددىيەت بار. پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن CENTCOM بىر قاراشنى قوللىسا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق مەركىزى بولغان  EUROCOM بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى باشقا بىر قاراشنى قوللىماقتا. بۇ ئىككى قاراش بىر - بىرىگە تامامەن زىت بولغان چۈشەنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. سىرتتىن نەزەر تاشلىسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشلاۋاتقان قەدەملىرى بىلەن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر دۆلەتتەكلا كۆرۈنىدۇ.

بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنى «ئىتتىپاقدىشىمىز» دەۋاتقان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە ھازىرغىچە يۈز مىڭلارچە مەسۇم خەلقنى قورال كۈچى بىلەن يۇرت – ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقارغان، مىڭلارچە كوردلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە يۈزلەرچە بالىنى ئېلىپ قېچىپ، ئۇرۇشقا سالغان پ ي د گە ئېغىر تىپلىق قورال - ياراغلارنى بېرىش توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەگە دوستلۇق سىگناللىرى بېرىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا بۇ سىياسىي مەنزىرىسى بىلەن بىر تەرەپتىن، ھېچنېمىگە قايىل بولمايدىغان بېشى قېيىپ قالغان كىچىك بالىغا ئوخشايدىغاندەك كۆرۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىۋاتقان تۈركىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ. خۇددى سۈرىيەدە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى خالىمايدىغاندەكلا، «پارچىلانسۇن» دەۋاتقاندەكلا كۆرۈنىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەم 1 – ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشلىرى ھەم سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە قوللانغان دۆلەتلىك تاكتىكا ۋە ئىستىراتېگىيەلىرىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ قارىشىمىزنىڭ خاتا بولۇپ چىقىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.

بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ناتو تارىخىىدا تۇنجى قېتىم بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت يەنە بىر ئىتتىپاقدىشى تەرىپىدىن قورال – ياراغ، تاكتىكا، ئارقا سەپ، مەسلىھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم بەرگەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەقە، ناتو نىڭ سەمىمىيىتىگە، تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ۋە مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىگە قاتتىق زەربە بەرمەكتە. ناتو دىكى باشقا ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئامېرىكىنى بۇ قاراڭغۇ تۇنېلدىن قايۇرۇپ كېلىشتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر