دۇنيادا 384 مىليون بالا نامراتلىق ئىچىدە ئىڭرىماقتا
دۇنيا مىقىياسىدا 384 مىليوندەك بالىنىڭ ئاشقۇن نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 383 مىليون بالا نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا.
دۇنيا بانكىسى گۇرۇھى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم قىلىش فوندى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئاشقۇن نامراتلىققا خاتىمە بېرىش: بالىلار تەتقىقاتى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ بەشتە بىرىنىڭ ئاشقۇن نامراتلىق ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
دوكلاتتا 2013-يىلدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ %19.5نىڭ كۈندە ئوتتۇرىچە 1.90 دوللار ياكى تېخىمۇ ئاز كىرىمگە ئىگە ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دۇنيا مىقىياسىدا تەخمىنەن 385 مىليون بالىنىڭ ئاشقۇن نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ تۆۋەن قىسىملىرىدا ياشايدىغان خەلقنىڭ %50دىن كۆپرەكىنىڭ، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بالىلارنىڭ %36سىنىڭ ئاشقۇن نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقلىرى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.