ئىران ئامېرىكىنىڭ چۈشۈرۈۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى تەقلىدىي ياساپ چىقتى

ئىران، بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى چۈشۈرگەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئوخشاش بىر ھاۋا ئاپپاراتى ياساپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

581076
ئىران ئامېرىكىنىڭ چۈشۈرۈۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى تەقلىدىي ياساپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرى، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ 4 دانە بومبا ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئىراننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياساپ چىقىلغان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 2011 – يىلى دېكابىردا چۈشۈرۈۋېتىلگەن RQ-170 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن.

ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتلىرى تەرىپىدىن ياسالغان مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا «چاقماق» دەپ نام قويۇلدى. ئىران تېلېۋىزىيەسى، «چاقماق» نىڭ نىشانلىرىنى ناھايىتى دەل بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2011- يىلى ئىران تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئىرانلىقلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانىدى.

بۇ جەرياندا ئىران تاراتقۇلىرى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى تارقاتتى. ئەمما، مەزكۇر ئاپپاراتنىڭ قانداق ۋە قاچان ئىرانلىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر