تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ

باش مىنىستىر يىلدىرىم تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

580092
تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك رەھبىرى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىف بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

شاھزادىنىڭ تۇنجى بېكىتى چانكايا سارىيى ئىدى.

كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى، ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن يىلدىرىم شاھزادىنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى.

زىياپەتكە كۆپ ساندا مىنىستىرمۇ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە بۇ يەردە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى چىقىپ، ئىزچىل تۈردە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن شاھازىگە رەھمەت ئېيتتى.

ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رايونلۇق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە – پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىف بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد دوستلۇقى ئورتاق تارىخىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە بىرلىكتە گۈللىنىش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پادىشاھ سەلمان ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغۋار نىشاننى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رايون باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھالقىلىق دەۋر توغرىلىقمۇ توختالغان شاھزادە تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك، پاراۋانلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر