ئوباما «ئىسلامىي تېررورىزم» ئىبارىسىنى ئېغىزغا ئالماسلىقىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلامنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلغانلىقىنى، قىلمشىلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدىغان ھېچقانداق دىنىي سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

579333
ئوباما «ئىسلامىي تېررورىزم» ئىبارىسىنى ئېغىزغا ئالماسلىقىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما CNN قانىلىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بىر پىروگراممىسىدا، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئالدىنقى پىلاندىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سۈرىيەدىكى كىرىزىس توغرىسىدىكى سۆزلىرىدە «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى پىلانغا قويغانلىقى» نى بايان قىلغان ئوباما، «دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ناچار ئىشلار بولىۋاتىدۇ. بۇلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا كۆپ ساندا ئامېرىكا ئەسكىرىنى (ئۇ جايلارغا) ئەۋەتىشنىڭ بىزگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىپلوماتىيە ئۈستىلى ئەتراپىغا ئولتۇرۇشىدىنمۇ ياخشىراق بىرەر چارىنىڭ كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوباما، «تەرەپلەرنى بىر دىپلوماتىك ۋە سىياسىي سىزىقتا ئۆزئارا ئۇچراشتۇرالمايدىغانلا بولساق، قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزنىڭ بىر چەكلىمىسى بولىدۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە بىۋاسىتە دەخلىسى بولمايدىغان دوئېل ئېلان قىلىشلار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ (مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە) ياردەم قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىش بىزنىڭ جاۋابىمىز بولمايدۇ» دېدى.

ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئارقىسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان باراك ئوباما، «ئۇلار بىزگە بىۋاسىتە تەھدىت سالمىسىلا، قىلىدىغان مۇداخىلىمىز خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە بىر ئىشغالدەكلا كۆرىنەتتى. رۇسىيە بىلەن ئىرانمۇ ئارىلاشقان  بۇنداق ئەھۋالدا بۇنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايتتى» دېدى.

ئوباما، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدىكى سۆزلىرىدە «ئىسلامىي تېررورزىم» دېگەن ئىبارىنى نېمىشقا  قەتئىي ئىشلەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «بۇلار ئۇيدۇرما ئۇقۇملار» دەپ جاۋاب بەردى.

دائېش ۋە ئەلقائىدەگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلامنى ئۆز غەرەزلىرى ئۈچۈن سۇيىئېستىمال قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئوباما، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان ھېچقانداق بىر دىنىي تايانچىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، 11- سېنتەبىر قوربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەرز سونۇشىغا يول ئاچىدىغان «تېررورىزمنىڭ كاپالەتچىلىرىگە قارشى ئادالەت قانۇنى» نى ئىلگىرى بىر قېتىم رەت قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى مەسىلسىى توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «11- سېنتەبىر» قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلىشىغا «بۇ بىر خاتالىق ئىدى» دەپ باھا بەرگەن ئوباما، بۇ ئۇسۇل بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ خەۋپكە ئىتتىرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر