رۇسىيە: تۈركىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇمكىن

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

579509
رۇسىيە: تۈركىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادا بايانات بەرگەن سېرگېي لاۋروۋ، بۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئىجابىي ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

سېرگېي لاۋروۋدىن كېيىن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋامۇ ئوخشاش مەزمۇندا بايانات بەردى. ئۇ، تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىقنىڭ ئىجابىي بولىدىغانلىقىنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكلىرىنى، ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى زاخاروۋا، «سۈرىيەگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمىز ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن يىراق مەسىلىلىرىمىز توغرىسىدىمۇ ئىجابىي يۇسۇندا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئەنقەرەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى رېئال شەكىلدە كۈزەتمەكتىمىز، بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق بىر خاتالىشىش ياكى شۈبھىگە ئورۇن يوق» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ قايتىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان زاخاروۋا، «بۇ ھەمكارلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ.  زۆرۈر تېپىلغاندا ئورتاق ھەرىكەت قىلىشمۇ مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تەرەپنىڭ بۇ باياناتلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «موسكۋا بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلىشىشنى توختىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن» دېگەن باياناتىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كېلىشى دىققەتنى تارتتى.

ئامېرىكا، رۇسىيە دائىرىلىرىنى ھەلەبتىكى ھۇجۇملىرىنى توختاتمىغان تەقدىردە، پۈتكۈل مۇزاكىرىلەرنىڭ توختاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان، موسكۋا جاۋابەن، بۇ تەھدىت ۋە پۇرسەتپەرەست سىياسەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر