رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەبتىكى قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا

ھەلەبتە ئەسەد قىسىملىرى ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 497 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1667 كىشى يارىدار بولدى.

578533
رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەلەبتىكى قىرغىنچىلىقى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاشماقتا.

رۇسىيە ئايروپىلانلىرى بۇ قېتىم ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىئار ۋە مەشھەد ئولتۇراق رايونلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا كۆپىنچىسى ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 22 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ھەمدە 39 كىشى يارىدار بولدى. رايوندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئەسەد قىسىملىرى 12 – سېنتەبىردە باشلىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ 19 - سېنتەبىردە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەسەد قىسىملىرى شۇ كۈندىن تارتىپلا رۇسىيە ئارميىەسىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەلەبنىڭ شەھەر مەكىزىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىدى. بۇ بومباردىمانلاردا ھازىرغا قەدەر ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 497 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. 1667 كىشى يارىدار بولدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەلىكلەرگە ئىنسانپەۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن 400 مىليون دوللار قوشۇمچە فوند ئاجرىتىلغانلىقى تەكىتلەندى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، ئۆتكەن يىلى سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بىراق بۇ يىل ساننى ئاشۇرۇپ 12500 سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاق خالاتلىقلار جەمئىيىتى باشلىقى رائىد سالىھمۇ مەركىزىي ئىشخانىسى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «Atlantic Council» تەتقىقات ئورگىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ھەلەبتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئەلەرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى ۋە ئاخباراتچىلارغا ئاڭلاتتى.

ھەلەبتە پۇقرالارنىڭ يوشۇرۇنغۇدەكمۇ يېرى قالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رائىد سالىھ: «ھەلەب خەلقى ئۆلۈمنىلا كۈتمەكتە ۋە خەلقئارا جامائەتچلىكتىن بۇنىڭغا سادا چىقمايۋاتىدۇ. مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تەخمىنەن 1000 غا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.  

رائىد سالىھ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، يارىدارلارغا ياردەم قىلىش جەھەتتىمۇ ھەم قاتناش قولايسىزلىقى، ھەم قورشاۋلار تۈپەيلىدىن يېتەرلىك خىزمەت قىلالمايۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

رائىد سالىھ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 3 مىليون سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىغا ياردەم قىلماقتا. بىز بۇ جەھەتتە تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. تۈركىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بىز يوللاپ بەرگەن يارىدارلارغىمۇ ئىشىكىنى ئاچماقتا. بۇ ھازىر بىز موھتاج بولۇۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىدى» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر