نىيۇ يورك شەھىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پائالىيەت باشلىدى

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىسلام قورقۇنچىغا قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

578849
نىيۇ يورك شەھىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پائالىيەت باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 500 مىڭ مۇسۇلمان ياشايدىغان نىيۇ يوركتا، 2001-يىلى 11-سېنتەبىردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر تېز كۆپىيىۋاتقان بىر پەيتتە، بىل دې بىلاسىيو باشچىلىقىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىسلام قورقۇنچىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ھازىرقى بىلاسىيو باشچىلىقىدىكى نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى سابىق شەھەر باشلىقى مىشېل بلۇمبېرگ زامانىسىدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايراملىرىدا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسمىي تەتىل قىلىشىنى ئېلان قىلغان.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم مۇسۇلمانلارغا قارشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پائالىيەت باشلىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، فەيىسبۇك، تۋىتتېر، ئىنىستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا «مەن نىيۇ يوركلۇق مۇسۇلمان» دېگەن تېما ئاستىدا خەلقنى ئىسلامغا قارشى ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قارشى ۋە ھەرخىل مەدەنىيەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا تەلىم-تەربىيەگە ئىگە قىلىدىكەن.

نىيۇ شەھەر باشلىقى بىلاسىيو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھازىر نىيۇ يوركلىقلارنىڭ زوراۋانلىققا ۋە ئۆچمەنلىككە قارشى زىچ ئۇيۇشۇشى ھەر ۋاقىتتىكىدىن ئىنتايىن مۇھىم. نىيۇ يوركتا ھەممە كىشىنىڭ خىرىستىيان، مۇسۇلمان، يەھۇدىي، سىھ، ھىندى، ئاتىئىست بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى بار.» دېدى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2017-يىلىدىمۇ خىلمۇ خىل دىنىي ئېتىقادلارنى قوغداش ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە، 8 مىليون 400 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەر خەلقىنى تەلىم-تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلار پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر