پۈتۈن دۇنيادا 30 – سىنتەبىر كۈنى ھەلەب ئۈچۈن جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلىدىغان بولدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى قاراداغى دىنىي زاتلارنىڭ سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى زۇلۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك كۈرەشلەردە خەلققە باشلامچى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

577755
پۈتۈن دۇنيادا 30 – سىنتەبىر كۈنى ھەلەب ئۈچۈن جۈمە خۇتبىسى ئوقۇلىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى قاراداغى 30 – سىنتەبىر كۈنىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا «ھەلەب ئۈچۈن غەزەبلىنىش» دېگەن شوئارغا ئاساسەن «غەزەبلىنىش كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئەلى قاراداغى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ئەسەد ۋە رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ھەلەب خەلقىگە يادەم قىلىش مەقسىتىدە «غەزەبلىنىش كۈنى» ئېلان قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى ۋە 30 – سىنتەبىر كۈنىدە بارلىق ئىمام ۋە خەتىبلەرنىڭ جۈمە خۇتبىلىرىنىڭ تېمىسىنى ھەلەبكە ئايرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلى قاراداغى دىنىي زاتلارنىڭ سۈرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى زۇلۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن غەزەپلىنىۋاتقان خەلق ئاممىسنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيەلەرنى ۋە ئەسەدنى ئارقىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى تاشلاشقا شۇنداقلا سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ 19 – سىنتەبىردە ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ھەلەبتە ئەسەد ۋە رۇسىيە قىسىملىرى ئېلىپ بارغان شىددەتلىك بومباردىمانلاردا، 444 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 585 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر