ئەسەد بىلەن رۇسلار ھەلەبنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى

ئەسەد كۈچلىرى بىلەن رۇسىيە سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنى بومباردىمان قىلىپ يەنە نۇرغۇن ئادەمنى قىرىۋەتتى.

576885
ئەسەد بىلەن رۇسلار ھەلەبنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە 19-سېنتەبىردىن بۇيان ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 444غا يەتتى.

12-سېنتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ھەلەب ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىنماقتا.

ئەسەد بىلەن رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنى بومباردىمان قىلىپ ئايال ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 85 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 200دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ئەسەد بىلەن رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ فوسفور ۋە ۋارىل بومبىلىرى ئاتقانلىقلىرى، بومباردىمانلاردا نۇرغۇن بىنانىڭ يەر بىلەن يەكسان بولغانلىقى، دوختۇرخانىلار بولسا چارىسىزلىكتىن نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ دوختۇرخانىلاردا يېتەرلىك ساندا سەھىيە خادىمى ۋە تىببىي بۇيۇملارنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

شەھەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى ئاساسەن ۋەيران بولغان بولۇپ، 2مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە سۇ تەمىنلىنەلمەيۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. توقۇنۇشلار شەھەرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خانداراتقا مەركەزلەشتى.

رايوندىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرى ۋە ھەربىي بازىلارنى بىردەم ئەسەد كۈچلىرى كونترول قىلىۋالسا، بىردەم ئۆكتىچىلەر كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ھەلەبتە جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردىمۇ 92 ئادەم ئۆلگەن، 273 ئادەم يارىلانغانىدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدا 12-سېنتەبىردە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 19-سېنتەبىردە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ھەلەب مەركىزىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى شەرق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر