ئەسەد ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا

پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

576367
ئەسەد ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ يەرلىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 56 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 220 كىشى يارىدار بولدى.

ھەلەبنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەلق مۇداپىئە ئەترىتى مەسئۇللرىدىن نەجىپ ئەنسارى ئانادولۇ مۇخبىرلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شەھەر مەركىزىدە ئەسەد ئەسكەرلىرنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى بۇستان، مەشھەد، كەللەسە، سالىھىيىن ۋە فىردەۋس رايونلىرىنى قاتتىق بوماردىمان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.  

پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملاردىن كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان بىنالارنىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بومباردىمان نۇرغۇنلىغان بىنالارنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى.

چەكلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدىن ئادەم قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. بارغانسىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يارىدار بولغانلار چېدىر دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلمەكتە.

ئەسەد ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ ھەلەپتە پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشى تۈپەيلى 86 پۇقرا ھاياتىىدىن ئايرىلىپ، 200 دىن كۆپرەك كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر