ئەسەد ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنى بومباردىمان قىلدى

ئەبۇ لەيس: «رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا يەر تەۋرەتكۈدەك تەسىرى كۈچلۈك بومبىلارنى ياغدۇرماقتا. بۇ بومبىلارنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن بومبىلارنىڭ كۈچىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق» دېدى.

575944
ئەسەد ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنى بومباردىمان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ئەسەد ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى بەزى رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىدار بولدى.

چېدىر دوختۇرخانا مەسئۇللىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، سۈرىيە ۋە رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى  ئەنسارى، سۇككەرى، تارىق ئەل باب ۋە شېئار دوختۇرخانىلىرىنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا يارىدار بولغان كىشىلەرنى سەھىيە خادىملىرى رايوندىن سىرتقا چىقىرىپ باشلنېستقا ئالغان.

خەلق مۇداپىئە قىسىملىرى مەسئۇللىرىدىن ئىبراھىم لەيس، 2 خەلق مۇداپىئە مەركىزى بىلەن 1 ئوت ئۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبۇ لەيس: «رۇسىيە بىر قانچە كۈندىن بېرى ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا. بۈگۈنمۇ 2 خەلق مۇداپىئە مەركىزى بىلەن 1 ئوت ئۆچۈرۈش مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. بىراق بارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىللىرى ۋەيران قىلىپ تاشلاندى» دېدى. 

ئەبۇ لەيس سۆزىدە: «رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبتە قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا يەر تەۋرەتكۈدەك تەسىرى كۈچلۈك بومبىلارنى ياغدۇرماقتا. بۇ بومبىلارنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن بومبىلارنىڭ كۈچىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق» دېگەن ئىپادىلەرنىمۇ ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر