مىسىر ھەربىي سوتى 27 ئادەم ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى

مىسىر ھەربىي سوتى، «زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن 36 جاۋابكارنىڭ دېلوسىغا قاراپ چىقتى

575071
مىسىر ھەربىي سوتى 27 ئادەم ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا «زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ھەربىي سوت تەرىپىدىن سوتلانغان 10 گۇماندار مۇددەتسىز، 17 گۇماندار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

گۇماندارلارنىڭ ئاقلىغۇچىلار ھەيئىتىدىن ئادۋوكات ھەمدان شەراب، 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتا نەھدە ۋە رابىئەتۇلئەدەۋىييە مەيدانلىرىدىكى مۇداخىلىدىن كېيىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ئۈستىدە دىلو تۇرغۇزۇلغان 36 گۇماندارنىڭ ئىسمائىلىييەدە سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەربىي سوتنىڭ يوقلۇقىدا سوتلانغان 10 گۇماندارغا مۇددەتسىز، 17 گۇماندارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى، ئىككىسى قاچقۇن ھالەتتىكى جەمئىي 9 گۇماندارنىڭ ئاقلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گۇماندارلارنىڭ، 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتا نەھدە ۋە رابىئەتۇلئەدەۋىييە مەيدانلىرىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كېيىن شىمالىي سىنا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئەرش شەھىرىدىكى ست.جورج چېركاۋىغا ئوت قويۇپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شەراب، سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، 2013 – يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرى بىلەن سېنتەبىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ 2014 – يىلىنىڭ بېشىدا سوت مەھكىمىسىگەيوللانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىسىر خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ 2013 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتا مىسىردىكى 3 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن نامايىشلارنىڭ مەركىزى پايتەخت قاھىرەدىكى رابىئەتۇلئەدەۋىييە ۋە نەھدە مەيدانلىرىغا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلارچە كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر