سۈرىيەگە يوللانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى چېگرادا ساقلىماقتا

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى مىڭلىغان پۇقرالار ئۆزلىرىگە يوللانغان ياردەملەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى  تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

574558
سۈرىيەگە يوللانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى چېگرادا ساقلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پەنجىسىندىكى مىڭلىغان كىشى بىر تەرەپتىن جېنىنى قوغداشقا تېرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاچارچىلىققا دۇچار بولماقتا. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى پۇقرالار ئۆزىلىرىگە يوللانغان ياردەملەرنىڭ يېتىپ كېلىشىنى  تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە. بىراق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ ھەلەب شەھىرىگە يوللىماقچى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللىرى ھاتاينىڭ جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدا كۈتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى 12 – سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ھەممەيلەنگە ئۇمىد نۇرى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى ئىسكىلاتىدىن ھەلەبتىكى مىڭىلغان كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىش قارارى ئالغان ئىدى. بىراق، ھاتاينىڭ جىلۋەگۆزۈ ئېغىزىدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن يولغا چىقالمىدى. ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 40 ئاپتوموبىل تامۇژنا مەيدانىدا ساقلاپ تۇرماقتا.

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە يوللانغان 15 يۈك ئاپتوموبىلىمۇ ئوخشاش ئەھۋالدا، چېگرادا ساقلاپ تۇرماقتا. بۇ ئاپتوموبىللاردا ئاساسلىقى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، بالىلار كىيىم–كېچەكلىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر