سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى نىيۇ يوركتا كۆرۈشتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا يېتىپ كەلگەن سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئايرىم ئۇچراشتى.

574388
سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى نىيۇ يوركتا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نىيۇ يوركتا بىر خىزمەت زىياپىتىدە توپلاندى. زىياپەتكە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرنى، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن مارك ئايرولت، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو گېنتىلونى سىلۋېرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىيو كىشىدا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋولتېر ستېنمېر، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېفان دىيون ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر