شىمالىي كورېيەنىڭ راكېتا موتورى سىناق قىلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنى ھەمكارلىققا ئىتتىردى

شىمالىي كورېيە يېڭى راكېتا موتورى سىناق قىلىپ يەنە نۇرغۇن دۆلەتنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

573477
شىمالىي كورېيەنىڭ راكېتا موتورى سىناق قىلىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنى ھەمكارلىققا ئىتتىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دۆلەت باشلىقى كىم جۇڭ ئۇن غەربىي شىمالغا جايلاشقان سوخا ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن بىر سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرەلەيدىغان توشىغۇچى راكېتانىڭ كۈچەيتكۈچى موتورىنىڭ قۇرۇقلۇقتا سىناق قىلىنىشىغا باشلامچىلىق قىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ KCNA رەسمىي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، كىم جۇڭ ئۇننىڭ «دۈشمەنلەر ئېغىر ئېمبارگولار بىلەن شىمالىي كورېيەنى بېسىم ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر پەيتتە» بىلىم ئەھىلىلىرى ۋە ئالاقىدار مەسئۇللارغا سۈنئىي ھەمراھنى ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى تېز سۈرئەتتە تاماملاشقا يوليۇرۇق بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى جون خا-كىيۇ، بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈچۈن لايىھلەنگەن موتور بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيە 9-سېنتەبىردە 5-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بارغانىدى. بۇنىڭغا قارىتا، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكلىق مەسئۇللار شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ يادرو سىناق ئىكەنلىكىنى ۋە 10 كىلوتونلۇق كۈچكە ئىگە سىناقنىڭ 5.3 بال يەر تەۋرەشكە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي شىمالىي كورېيەنڭ ئاخىرقى قېتىملىق سىنىقىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرىغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلىشتى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نىيۇيوركتا ئۇچراشتى.  

ئاقسارايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىم قىلغان سىنىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن باشقا قانۇنىي ساھەلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشكە ئوخشاش مەسىلىلەرمۇ كېڭەش قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر