ئامېرىكا: دائېشنىڭ ئۇچۇر – ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى دائېشنىڭ ئۇچۇر – ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى دوكتور ۋائىلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

571835
ئامېرىكا: دائېشنىڭ ئۇچۇر – ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كوك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، «دوكتور ۋائىل» دەپ بىلىنىدىغان دائېشنىڭ  ئۇچۇر – ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە ئالىي كېڭىشى ئەزاسى ۋائىل ئادىل ھەسەن سەلمان ئەلفەييادنىڭ 7 – سېنتەبىر كۈنى سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋائىل دائېشنىڭ قىيىن - قىستاق ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى ۋىدېئوغا ئېلىش ئىشلىرى مەسئۇلى ئىدى.»

ۋائىلنىڭ دائېش باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلئەدنانى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوك دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داۋاملىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەدنانىنىڭ 30 – ئاۋغۇست كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھۇجۇمدا ئۆلگەنلىكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر