پاكىستاندا بىر جامەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 25 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 25 كىشى قازا قىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.

571709
پاكىستاندا بىر جامەدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى 25 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ئادەم بومبا پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى موھماند قەبىلىلەر رايونىدىكى بىر جامەنىڭ قورۇسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۈستىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان. پارلاش نەتىجىسىدە 25 كىشى ئۆلگەن، يارىلانغان كىشىلەر ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر