ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللار سۈرىيەگە كېرىشنى باشلىدى

ھەلەپتىن باشقا يەنە پايتەخت دەمەشىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.

570711
ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللار سۈرىيەگە كېرىشنى باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللار سۈرىيەگە يېتىپ باردى.

ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆز چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشى داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۈرىيەدە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 ھەلەپتىن باشقا يەنە پايتەخت دەمەشىق قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە ۋەزىيەتنىڭ تىنچ ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە. سۈرىيە خەلقىمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا ئىجابىي قارىماقتا ۋە ياردەم بويۇملىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەلەبكە كېلىدىغان ياردەم بويۇملىرىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن پۈتۈشكەندىن كېيىن ئاندىن يولغا چېقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ب د  ت  ئىنساپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتىغا تەۋە ئاپتوموبىللار يولغا چېقىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېفان دە مسىتۇرامۇ ياردەم بويۇملىرى ئېلىپ مېڭىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا ۋە شوپۇرلاغا چېقىلماسلىققا كاپالەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر