دوختۇرلار كلىنتوننىڭ كېسىلىگە دىئاگنۇز قويدى

دوختۇرلار، دېموكرات پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كلىنتوننىڭ كېسىلىگە دىئاگنۇز قويدى.

569878
دوختۇرلار كلىنتوننىڭ كېسىلىگە دىئاگنۇز قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا دېموكرات پارتىيە نامزاتى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ھىلارى كلىنتوننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ، 11- سېنتەبىر ھۇجۇملىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن بورۇنلا ئايرىلدى.

دەسلەپتە كلىنتوننىڭ ئىسسىق ھاۋادىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقى، شۇڭا قىزىنىڭ ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا كېسىلىگە دىئاگنۇز قويغان دوختۇرلار كلىنتوننىڭ ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر قانىتى، كلىنتوننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا پىرېزىدېنت بولۇشقا لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى. كلىنتون 2012 – يىلى ھوشىدىن كېتىپ مېڭىسىدە سىلكىنىش كۆرۈلگەن، بۇ ئەھۋالنىڭ ئاشقازان باكتىرىيەسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى سۇسىزلىقتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر