تانزانىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ۋىكتورىيا كۆلى رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، كېنىيا ۋە ئۇگاندا قاتارلىق كۆل بويى دۆلەتلىردىمۇ ھېس قىلىندى.

569438
تانزانىيەدىكى يەر تەۋرەشتە 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تانزانىيەدە 5.7 بال يەر تەۋرەش نەتىجىسىدە، 11 كىشى ئۆلۈپ، 100 كىشى يارىدار بولدى.

يەر تەۋرەش مەركىرى تانزىيەنىڭ شىمالدىكى نىسۇڭگا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالى ئىكەنلىكى  ۋە يەر يۈزىدىن 10 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋىكتورىيا كۆلى رايونىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، كېنىيا ۋە ئۇگاندا قاتارلىق كۆل بويى دۆلەتلىردىمۇ ھېس قىلىندى.

رايوندا 2004 – يىلى 4.7 بال يەر تەۋرەپ، تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر