ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاخىرى كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيەدە قۇربان ھېيتتىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

568787
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاخىرى كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ 12-سېنتەبىر قۇربان ھېيت كۈنى بىلەن باشلىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىداسۈرىيە كىرزىسى توغۇرلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كېررىي سۈرىيەدە زوراۋانلىقنى ئازايتىش، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش، تىنچلىق ۋە سىياسىي نورمالىشىش مۇساپىسىدە خىزمەتلەرنى ئىشلەش مەسىلىسىدىكى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە يىغىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن كېررىي مۇنداق دېدى: «سۈرىيە مىقىياسىدا ئۇرۇش توختىتىش 12-سېنتەبىر يەنى قۇربان ھېيتتا باشلىنىدۇ، پىلاننىڭ سۈرىيەگە نىسبەتەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان كېررىي، كېلىشىم 7 كۈن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە ئەل نۇسراغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق ھەربىي كوردىناتسىيە بەرپا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ ئۇرۇش توختىتىش 7 كۈن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئىجرا قىلىش مەركىزى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي مۇتەخەسىسلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورچىلار بىلەن مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنىڭ بازىلىرىنى تېپىپ چىقىپ بىر-بىردىن ئايرىپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان لاۋروۋ سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرى بىلەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورچىلارغا قارشى بىرلىكتە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق. ھۇجۇم نىشانى بولىدىغان يەرلەرنىڭ كوردىناتلىرى مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن زەربە بېرىلىدىغان رايونلار توغرۇلۇقمۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە مەلۇمات بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان لاۋروۋ يەنە مۇنداق دېدى:«ئامېرىكا بىلەن ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان جايلاردىن باشقا يەرلەردە سۈرىيە ھاۋا ئارمىيەسى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.»

ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىكى يەنە بىر مۇھىم ماددىنىڭ سۈرىيەگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان لاۋروۋ، بولۇپمۇ ھەلەبنىڭ شەرقىي ۋە غەربىگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا قىزىل كىرىست كومىتېتى بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر