مەككىگە يۈز مىڭلارچە ئادەم ھەج رۇخسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىرگۈزۈلمىدى
مەككە ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك ئېغىزلىرىدا 237مىڭ 583 ئادەمنىڭ ھەج قىلىش رۇخسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەككىگە كىرىشقگە يول قويۇلمىغان.
![مەككىگە يۈز مىڭلارچە ئادەم ھەج رۇخسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىرگۈزۈلمىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9ab0/a1a3/fc52/57d3b9700205e.jpg?time=1719156769)
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرى ئەتراپىدا بەرپا قىلىنغان بىخەتەرلىك ئېغىزلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدە، ھەج رۇخسىتى بولمىغان 237مىڭ 583 ئادەمنىڭ شەھەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەج بىخەتەرلىك كۈچلىرى باياناتچىسى ئوفېستىر سامى ئەش-شۇۋەيرىج، مىنادا مۇخبىرلارنىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ 2016-يىلى ھەج مەزگىلىدە تېگىشلىك بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەتىدىن باشلاپ مەككە شەھىرى ئىچىدە ۋە مۇقەددەس ماكانلاردا ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ھەج رۇخسىتى بار يوقلىقىنىڭ كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سامى ئەش-شۇۋەيرىج ھەج ئىبادىتى ئورۇندىلىدىغان ماكانلاردا خىزمەت رۇخسىتى بولمىغان 104مىڭ 784 ئاپتوموبىلنىڭمۇ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ھاجى نامزاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئوفېستىر سامى ئەش-شۇۋەيرىج، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە باشقا تارماقلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېنېرال مەنسۇر ئەت-تۈركىمۇ ھاجىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان بارلىق قىلمىشلارنىڭ دەرھال بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719156770)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.