شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقاردى

شىمالىي كورېيە يەنە يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، 5.4 يەر تەۋرەشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

568177
شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بۈگۈن ئەتىگەن كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، 5.3 بال يەر تەۋرەشنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى.

سىناقتىن كېيىن شىمالىي كورېىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆرۈلگەن يەر تەۋرەش يەرنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەردى. ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى پۇڭگىيېرى يادرو سىناق بازىسىنىڭ يېنىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن تاشقىرى پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ ئۇقتۇردى.

سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى بىلەنمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ پۇڭگىيېر يادرو سىناق بازىسىدا جانلىنىش كۆرۈلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

بۇ ۋەقەگە قارىتا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گىئۇن خاي، لاۋۇستتا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىگە قايتتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى پارك گىئۇن خاي بۇ قېتىملىق سىناقنى «شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ ساراڭلارچە پەرۋاسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى ھالاكەتكە ئىتتىرىدىغان قىلمىشتۇر» دەپ تەرىپلىدى.

پىرېزىدېنت پاراك شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە دۇئېل ئېلان قىلىش بولىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا يەنە ئېغىر ئېمبارگولارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سىئۇل ھاكىمىيىتى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى سىنىقىنىڭ، بۇ يىل يانۋار ئېيىدىكى يادرو سىناقتىن ئىككى ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

دەسلەپ بۇ سىناققا سۈكۈت قىلغان پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا بايانات ئېلان قىلىپ، بەشىنچى قېتىم ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرى ۋە پارتلاشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان يادرو قوراللىرى ياساپ چىققانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېمۇ «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقىغا قەتئىي قارشىمىز»دېگەن مەزمۇندا بايانات بەردى. توكيو ھاكىمىيىتى، رايوننىڭ رادىئاتسىيە مىقدارىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئايروپىلان ئەۋەتتى.

بۈگۈن دۆلەت بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان شىمالىي كورېيەدە، ھاكىمىيەت خەلققە تەسىر كۆرستىشنى مەقسەت قىلىپ ھەربىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزمەكتە.

رايوندا بۇ يىل 6-يانۋاردا 5.1، 14-مارتتا 3.1 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرەشلەر يۈز بەرگەنىدى.

شىمالىي كورېيە ھىدروگىن بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن ئانالىزچىلار شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ باياناتلىرىدىن گۇمانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر