فىرانسىيە دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراققا قورال ياردەم قىلىدۇ

فىرانسىيە دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراققا ئېغىر تىپلىق قوراللار ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

568092
فىرانسىيە دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىراققا قورال ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مەسۇد بارزانىي بىلەن پارىژدىكى ئەلىزە سارىيىدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ۋە ئىراققا قورال ياردەم قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئولاند ئۆتكەن ھەپتە دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراققا ئېغىر تىپلىق قورال ياردەم قوراللار ياردەم قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى جان ئى لۆ دىرىيان فىرانسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىراق ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان توپچى باتارىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

لۆ دىرىيان شارل دۆگول ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭمۇ دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر