CIA باشلىقى: سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ پارچىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى

ئامېرىكا CIAباشلىقى جون بىرېننان سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ پارچىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى بىلدۈردى.

568473
CIA باشلىقى: سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ پارچىلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى ئىسىتخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون بىرېننان سۈرىيە بىلەن ئىراقنىڭ پارچىلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنىڭ ئېيتتى.

بىرېننان بۇ 2 دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ تولۇقلاش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جون بىرېننان ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر مەركىزى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشنىڭ تولىمۇ قىيىن،ھەتتا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

ۋېست پويىنت ھەربىي ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان « CTC Sentinel » ناملىق مېدىيا ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون بىرېننان، قان، زوراۋنلىق، بۇزغۇنچىلىق، ئېتنىك ۋە مەزھەپ سۈركىلىشىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراققا ئېغىر زىيانلارنى بەرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتتە يېڭى ئاپتونوم رايونلارنىڭ بەرپا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  

جون بىرېننان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان يەمەنگىمۇ سوقۇنۇپ كىرىشى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ،  دائېشنىڭ يەمەندە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدىگە چېتىشلىق گۇرۇھلار بىلەن تىك بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ: #CIA , #ئىراق , #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر