دائېش مۇسۇل شەھىرىدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنى مەنئىي قىلدى
دائېش مۇسۇلدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بىنالىرىغا يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ كىرىشىنى مەنئىي قىلىدىغان بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ شىمالىدا كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان مۇسۇل شەھىرىدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنى مەنئىي قىلدى.
دائېش مۇسۇلدىكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بىنالىرىغا يۈزىنى ياپقان ئاياللارنىڭ كىرىشىنى مەنئىي قىلىدىغان بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.
بۇ قارار بەزى دائېش قوماندانلىرىنىڭ يۈزىنى ئورۇۋالغان ئاياللار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشى تۈپەيلى ماقۇللاندى.
ئىلگىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيە ۋە ئىراقتا يۈزىنى يۆگىمىگەن ئاياللارنى دەررىگە بېسىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.
ئىراق ئارمىيەسى ۋە پەشمەرگە قىسىملىرى ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.