خىتايدا كېلەر يىلى بوران ئاپىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا ئىسسىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ، كېلەر يىلى خىتاي، تەيۋەن، كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەردە بوران ئاپىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى.

566476
خىتايدا كېلەر يىلى بوران ئاپىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيادا بوران ئاپىتى بارغانچە كۈچەيمەكتە. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىي رايونلىرىدا ئەۋجىگە چىققان بوران ئاپەتلىرىنىڭ 1970 – يىلىدىن سان جەھەتتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

تەتقىقات نەتىجىسى «Nature Geoscience» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىندى. تەتقىقات نەتىجىسدە، تىنچ ئوكيان ۋە ئەتراپتىكى ساھىللارنى ۋەيران قىلغان بوران ئاپىتى نىسبىتىنىڭ يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيان %12 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ۋەيۋېي ئېلان قىلغان باياناتىدا، بوراننىڭ كۈچىيىش ۋە ئۆزگىرىش نىسبىتىنى ۋە ساھىلغا يېقىن دېڭىز سۇيىدىكى ئىسسىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بوران، تايفۇن بورىنى ۋە قۇيۇن ئاپىتى قاتارلىق ۋەقەلەرنى ھەرىكەتكە سالغۇچ ئامىل سۇنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋەيۋېي، ئاسيادىكى قىرغاققا يېقىن دېڭىز سۇلىرىنىڭ تەخمىنەن 0.8 سىلسىيە گىرادۇس ئىسسىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەيۋېي بۇ تەتقىقات نەتىجسىدە «كېلىمات ئۆزگىرىشىگە ئىنسان سەۋەبچى» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى، بىراق يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا ئىسسىپ كېتىش نىسبىتىنىڭ، كېلەر يىلى خىتاي، تەيۋەن، كورېيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەردە بوران ئاپىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

2013 – يىلى فىلىپپىندە يۈز بەرگەن خايان تايفۇن بورىنى ئاپىتىدە 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يەنە قانچە ئون مىڭلىغان كىشى ئۆي - ماكانسىز قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر