دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلىنىشى ياۋروپادا ئەندىشە پەيدا قىلدى

تۈركىيەنىڭ دائېش مىلىتانلىرىنى تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلىشى، ياۋروپادا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى.

566178
دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلىنىشى ياۋروپادا ئەندىشە پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ  فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى قورشاۋغا ئېلىشى، ياۋروپادا ئەندىشە پەيدا قىلدى.

ئەنگلىيەدىكى İndependent گېزىتى، تەشكىلاتنىڭ 7000دەك «غەربلىك ئادەم بومبىلىرى»نىڭ تۈركىيە چېگراسىدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەت سەۋەبىدىن قايتىدىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە قايتىش ئېھتىمالىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

خەۋەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە بېسىۋالغان زېمىنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن كېيىن، دائېش سېپىدىكى غەربلىك مىڭلارچە تېررورچىنىڭ دۆلىتىگە قايتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. گېزىت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ ئېھتىماللىقنى كۆزە تۇتۇپ، تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغانلىقلىرىنى يازدى.

دائېش سېپىغا قوشۇلۇپ كەتكەن تېررورچىلارنى «سائەتلىك بومبا»غا ئوخشاتقان خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرى، قورال ئىشلىتىش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ، پات يېقىندا ئۆز دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن زور تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خەۋەردە، سۈرىيەدە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 27مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىكنىڭ دائېش سېپىغا قوشۇلغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى، بۇلار ئىچىدە 5000دىن 7000غىچە كىشىنىڭ ياۋروپادىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 The Times  گېزىتى تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن تازىلىنىشىنىڭ، دائېشقا قاتناشماقچى بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

گېزىت، دائېشنىڭ تۈركىيە چېگراسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىشىنىڭ،  دائېشقا نسىبەتەن ناھايىتى ئېغىر ئىستىراتېگىيەلىك ۋە سېمۋوللۇق زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر