ھاۋايدىكى بىر بېلىق تۈرىگە ئوبامانىڭ ئىسمى بېرىلدى

ھاۋاي ئارىلىنىڭ بىيولوگلىرى يېڭى بايقىغان بىر بېلىق تۈرىگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىسمىنى بەردى.

565386
ھاۋايدىكى بىر بېلىق تۈرىگە ئوبامانىڭ ئىسمى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاۋاي ئالىملىرى يېڭىدىن بايقالغان بىر بېلىق تۈرىگە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىسمىنى بەردى. ئالىملار پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىسمى بېرىلگەن بۇ بېلىقلارنىڭ ئالاھىدە بېلىق تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالىملارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ بېلىقلار دۇنيا مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 10 ئارال ۋە مارجان ئاراللاردىن تۈزۈلگەن پاپاخاناموكۇكېيادا بار ئىكەن.

پىرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن ھەپتە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئارال دۆلەتلەرگە 40 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

باراك ئوباما 1961-يىلى ھاۋاينىڭ ھونولۇلۇ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە 7 مىڭدىن ئارتۇق بېلىق تۈرى بار، يۈز ئۆلچىمى 1.5 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مەزكۇر رايوننى زىيارەت قىلغان ئىدى.

بېلىق تۈرىگە «ئوباما» ئىسمىنى بېرىش تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس بولۇپ، 2012-يىلى ئامېرىكىنىڭ بۇفالو دەرياسى ۋە دۇك دەرياسىدىلا ياشايدىغان بىر بېلىق تۈرىگىمۇ «ئېسېيوستوما ئوباما» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر