بىرازىلىيەدە يېڭى تەيىنلەنگەن پىرىزېدېنتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىرازىلىيەدە كونا پىرىزېدېنتنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن مايكېل تېمېرغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

565390
بىرازىلىيەدە يېڭى تەيىنلەنگەن پىرىزېدېنتقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرىزېدېنت دىلما رۇسسېفنىڭ ئورنىغا مايكېل تېمېرنىڭ تەيىنلىنىشىگە قارشى  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

رىيو دې جانېرو بىلەن پاۋلو شەھەرلىرىدە تېمېرنىڭ پىرىزېدېنتلىقىغا قارشى چىققۇچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا ئون مىڭلارچە ئادەم قاتناشتى.

نامايىشچىلار تېمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى ۋە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ساۋ پاۋلو دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شەھەردىكى نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېترو ئىستانسىسىغا زىيان بېرىپ، ساقچىلارغا تاش ئاتقان نامايىشچىلارغا ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن ئاۋاز بومبىسى ئاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر