رۇمېنىيە تۈركىيە سىياسىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى

رۇمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لازار كومانېسكۇ، تۈرك خەلقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئورگانلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

564983
رۇمېنىيە تۈركىيە سىياسىتىنى ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لازار كومانېسكۇ، سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋادا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەيرىي رەسمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

لازار كومانېسكو، «دېموكراتىك ئورگانلارغا ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە كۆرسىتىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمەن» دېدى.

مىنىستىر كومانېسكو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ناتو ئەزاسى تۈركىيە مۇھىم بىر رايون خاراكتېرلىك ئاكتىيور ۋە رۇمېنىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇمېنىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كومانېسكو، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر