گېرمانىيەدە ئافغانىستانلىق 2 ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ۋەقە جەريانىدا مەس ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گېرمانىيەلىكلەر چەت ئەللىكلەرنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن مۇشۇنداق ئىشنى سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.

562576
گېرمانىيەدە ئافغانىستانلىق 2 ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ دەممىن شەھىرىدە ئافغانىستاندىن كەلگەن 2 پاناھلانغۇچى ئايال ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيەلىك 3 كىشى 58 ۋە 28 ياشلىق ئافغانىستان پۇقراسى 2 ئايالغا ئالدى بىلەن ھاقارەت قىلدى. ئاندىن يۈزلىرىگە ئۇردى. يارىدار بولغان ئافغانىستانلىق ئاياللار دەممىن دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىندى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلاردىن بىرسى باشقا جىنايەت يۈزىسىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشى بولۇپ، جازىسىنى تولدۇرۇشى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلاندى. قالغان 2 كىشى نازارەتكە ئېلىندى.

ۋەقە جەريانىدا مەس ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن گېرمانىيەلىكلەر چەت ئەللىكلەرنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەجىدىن مۇشۇنداق ئىشنى سادىر قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر