PYD نىڭ تۈركىيەگە قارشى خائىن پىلانى ئاشكارىلاندى

PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى PYD/YPG ئەزالىرىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، تۈركىيەگە قارشى قارا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.

561327
PYD نىڭ تۈركىيەگە قارشى خائىن پىلانى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تېررورچىلار 8 – ئاۋغۇستتا مىمبىجكە كۆپ مىقداردا قورال – ياراغ، قاتناش، نەرسە – كېرەك ۋە ئادەملەر ئولتۇرغان يۈك ماشىنىلىرىنى يۆتكىگەن.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ مىمبىجكە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى «تۈركىيە روجاۋانى ئىشغال قىلىدۇ» دېگەن سۆز – چۆچەكلىرى ئارقىلىق بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتى PYD/YPG  تېررورچىلىرىنىڭ 2014 – يىلى 6-، 8- ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئارىسىدا كوبانىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەدە سادىر قىلغانغا ئوخشاش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ساىر قىلىدىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ھەر خىل تارقىتىش قاناللىرى ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تۈركىيەگە قارشى تەشۋىقات ماتېرىيالىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى PYD/YPG ئەزالىرىنىڭ سۈرىيەلىك پۇقرالارنى بىنالارنىڭ ئىچىدە گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇ يەرگە قورال ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنى يەرلەشتۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق «تۈركىيە پۇقرالارنى ئۆلتۈرمەكتە» دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.

مىمبىج تەرەپكە چېكىنگەن PYD/YPG تېررورچىلىرىنىڭ سۈرىيەلىك پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى «تۈركىيە ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قىلغانلىقى» دەك ئاساسسىز خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق ‹فىرات قالقىنى ھەرىكىتى› نىڭ تەسىر كۈچىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر