مېركېل: تۈركىيەنىڭ ئىستىكى ئورۇنلۇق...

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈركىيەنى قوللاشنىڭ توغرا ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

561042
مېركېل: تۈركىيەنىڭ ئىستىكى ئورۇنلۇق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانگېلا مېركېل بىر گېرمان تېلېۋزىيەسىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەت دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى  ئۆز سېپىدىن ئورۇن ئېلىشىنى كۈتۈشىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئويلاپ بېقىڭلار، بىز بۇ يەردە گېرمانىيە فېدېراتىپ پارلامېنتىدا تۇرۇۋاتقىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۆز ئارمىيەمىز پارلامېنتنى بومباردىمان قىلسا...» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

تۈركىيە بىلەن ئالاقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان مېركېل، «بىر – بىرىڭلار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ئورنىغا بىر – بىرىڭلار توغرىسىدا سۆزلەشسەڭلار، بۇ دىپلوماتىيەدە كۆپىنچە ھاللاردا ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

دۆلىتىدىكى تۈركلەرنى گېرمانىيەگە ساداقەتمەن بولۇشقا چاقىرغان ئانگېلا مېركېل، لېكىن، ھېچكىمنى بۇنداق بولۇشقا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭمۇ باش مىنىستىرىمەن. بۇنىڭغا تۈركىيەدىن ئىختىلاپلارنى بۇ يەرگە يۆتكىلىشى بىلەن ئەمەس، دۆلىتىمىزگە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر ئارقىلىق جاۋاب بېرىلسە ياخشى بولىدۇ.»

كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان گېرمان باش مىنىستىر، بۇ مەسىلىگە ئورتاق چارە تېپىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خاھىشلىرىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر