رومىنىيە باش مىنىستىرى كىئولوس تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

كىئولوس تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىش ئېھتىمالى بولغان پاناھلانغۇچىلار ئېقىنىنىمۇ توسۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

560751
رومىنىيە باش مىنىستىرى كىئولوس تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رومىنىيە باش مىنىستىرى داجىئان كىئولوس ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيە بىلەن بولغان دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

كىئولوس رومىنىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى گۇرا ھۇمورۇلۇ شەھىرىدە پولشا باش مىنىستىرى بېتا سىزىيدلو بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ۋە ئەتراپىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملۇقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىش ئېھتىمالى بولغان پاناھلانغۇچىلار ئېقىنىنىمۇ توسۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلغان كىئولوس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر