دائېشچى «بالا مىلىتانلار» كورد مەھبۇسلارنى راستىنلا قەتلى قىلدىمۇ؟

ئەنگلىيەدكى The Sun گېزىتى دائېشچى «بالا مىلىتانلار»نىڭ كورد مەھبۇسلارنى قەتلى قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ۋىدىئو تارقاتتى.

560298
دائېشچى «بالا مىلىتانلار» كورد مەھبۇسلارنى راستىنلا قەتلى قىلدىمۇ؟

ئەنگلىيەدىكى The Sun گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائېش قانلىق ۋىدىئولىرىدا تۇنجى قېتىم غەربلىك بىر بالىدىن پايدىلانغان.

ۋدىئودا 10ياشتىن 13ياشقىچە بولغان بالىلار سۈرىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرىدۇ،قاتىل بالىلار ئارىسىدا ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل بىراتانى ئىسىمى قويۇلغان بىر ئىنگىلىز بالىمۇ بار، دائېشنىڭ غەربلىك بىر بالىدىن تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر ۋىدىئودا پايدىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

BBCبىرىتانىيەلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ بالىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنقلانمىغانلىقىنى ۋە چەت ئەللىكلەر ئىشخانىسىنىڭمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە چۈشەنچە بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بالىلار ئۆلتۈرگەن بەش مەھبۇسنىڭ كۈرت (كورد)ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى، ۋىدىئودا ئەبۇ ئەل بارا ئەل تۇنىسى ئىسىملىك بالىلاردىن بىرى كۈرت مەھبۇسلارغا ئەرەبچە گەپ قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ سادىر قىلىدىغانلىقىنى ۋە «ئۇلار»غا قارشى ئۇرۇشنىڭ تېخى باشلىمىغانلىقىنى دەيدۇ. ۋىدىئودا بالىلارنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: «ئەبۇ ئىسھاق ماسرى <مىسىرلىق>، ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل بىرىتانى <بىرىتانىيەلىك>، ئەبۇ فۇئاد ئەل كۈردى <كورد>، ئەبۇ ئەل بارا ئەل تۇنىسى <تۇنىسلىق> ۋە يۇسۇف ئەل ئۆزبېكى <ئۆزبېك>.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر