ب د ت: سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە دائېش ئىدلىبتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى

ب د ت تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن مۇستەقىل مۇتەخەسسسلەر، سۈرىيە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە دائېشنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

558830
ب د ت: سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە دائېش ئىدلىبتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تەرىپىدىن سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان مۇستەقىل مۇتەخەسسسىلەر ھەيئىتى، سۈرىيەدىكى ئىككى جايدا ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ، بىر جايدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ب د ت باش كاتىپلىق ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، سۈرىيەدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 9 ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، تېپىلغان پاكىتلارغا ئورۇن بېرىلگەن دوكلاتىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغانلىقىنى قەيت قىلدى. باياناتتا، دوكلاتنىڭ 30 – ئاۋغۇستتىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى تەكشۈرۈپ چىققان 9 ھۇجۇمنىڭ ئالتىسىنىڭ جاۋابكارلىرى ئېنىقلىنالمىغان، قالغان 3 ھۇجۇمنىڭ ئىككىسىنى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ، بىرىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان.

دوكلاتتا، ئىدلىب ۋىلايىتى تەۋەلىكىدىكى تالمەنەس رايونىدا 2015 – يىلى 16 - مارتتا يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن 2015 – يىلى 12 – ئاپرېلدا سارمىندا يۈز بەرگەن خلور گازى ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنى ھاكىمىيەت تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىجرا قىلغانلىقى، 2015 – يىلى 21- ئاۋغۇست مارېئادا مەيدانغا كەلگەن قىچا گازى ھۇجۇمىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامانتا پوۋېر مۇخبىرلارنىڭ دوكلات ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قوراللارنى ھاكىمىيەت ۋە دائېشنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىرلىك ھالىتىدە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ھېساب بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

فىرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى ئالېكسىس لامېكمۇ، دوكلاتقا ئاساسەن، خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە دائېشنىڭ سادىر قىلغانلىقىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جاۋابكار مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئارگېنتالىق ۋىرگىنىيا گامبا رىياسەتچىلىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى ئىچىدە ئالبانىيەلىك ئادرىئان نېرىتانى ۋە گېرمانىيەلىك ئېبېرھارد شانزې قاتارلىقلار ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دوكلاتلىرىدا، سۈرىيەدە زەھەرلىك گازلارنىڭ توقۇنۇشلاردا قايتا – قايتا سىستېمىلىق ھالدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولسىمۇ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ جاۋابكارلىرى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر