تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق جەرابلۇس رايونىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى.

557940
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى
tsk.jpg
tsk cerablus operasyon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رايون «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومبىلانماقتا.

«بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ۋە راكېتامىيۇتلار بىلەن تاڭ سەھەر سائەت 4 ئەتراپىدا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىن، سائەت 6 ئەتراپىدا تۈركىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ رايوننى بومباردىمان قىلدى.

F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ جەرابلۇس ۋە كەكلىدەرەدىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلماقتا.

«فارات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ چېگرا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەربىي مەنبەلەر 81 نىشانغا 296 قېتىم زەربە بېرىلگەنلىكىنى، 12 نىشاننىڭ پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق دائېشنىڭ ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان نىشانلىرى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتىن چېگرا سىرتىدىكى  رايونلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رايوندىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە رايوننى تېرورىست ئۇنسۇرلاردىن تازىلاش؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىگە ۋە خەلقىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، مەسۇم پۇقرالارنى قەتل قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش، بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش نىشان قىلىنماقتا.

دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىگە زور تۆھپە قوشماقتا.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ دائىرىدە، ھەرىكەت توغرۇلۇق رۇسىيەگە مەلۇمات بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرى سۈرىيەگە كىرگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن ئېتىبارەن تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى قوراللىق قىسىملار قوماندانلىق ھەرىكەت مەركىزىدە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار، باش ئىشتابنىڭ 2 – باشلىقى گېنېرال ئۈمىت دۈندار ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قوماندارلار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۆزەتمەكتە ۋە بۇ ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر