چېخ باش مىنىستىرى: مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز

چېخ جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى بوھۇسلاۋ سوبوتكا: «راست گەپنى قىلساق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

558118
چېخ باش مىنىستىرى: مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوبوتكا «‹پراۋو› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ۋىشېگراد گۇرۇھىغا ئەزا چېخ جۇمھۇرىيىتى، پولشا، ۋېنگىرىيە ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلەرنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلىش سىستېمىسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر دۆلەتنىڭ قانچىلىك كۆچمەننى قوبۇل قىلىش توغرۇلۇق ئۆزى قارار بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، مىللىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز كۈچلۈك مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز. راست گەپنى قىلساق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى خالىمايمىز.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 10.5 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەتتە 19 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان ياشايدىكەن. خەلقنىڭ % 80 تى مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنى تەھدىت دەپ قارايدىغان دۆلەتتە پەقەت ئىككىلا جامە بار ئىكەن.

چېخ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر كىرىزىسى باشلانغان كۈنلەردە مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئەمەس، پەقەت خىرىستىيان مۇساپىرلارنىلا قوبۇل قىلالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر