«ھەلەب ۋە سۈرىيە تىراگېدىيەسى ب د ت نىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئەسىرىدۇر»

ب د ت ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپ ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى سىتېفېن ئو بىرېيىن ھەلەب ۋە سۈرىيە تىراگېدىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىغا قىلىنغان ھاقارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

557195
«ھەلەب ۋە سۈرىيە تىراگېدىيەسى ب د ت نىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئەسىرىدۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

ب د ت ئىنسانىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپ ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى سىتېفېن ئو بىرېيىن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، كېڭەش ۋە بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنى، ھەلەب شەھىرىگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش بېرىش ئۈچۈن، ھەلەبتە بىر ھەپتىدە ئەڭ ئاز 48 سائەت ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ بىمالال كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنىشىغا كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئىجابىي  پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى 275مىڭ كىشى بىلەن غەربىدىكى تەخمىنەن 1 يېرىم مىليون كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن سىتېفېن ئو بىرېيىن، ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئىشلىتىدىغان يوللارنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى، ياردەم بۇيۇملىرى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيە كىرزىسىنىڭ بۇنچىلىك مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىن تولىمۇ بىئارام بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن سىتېفېن ئو بىرېيىن يەنە مۇنداق دېدى: «ھەلەبنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيەدىكى بەش يىللىق تىراگېدىيە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي بايلىقىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. بۇ تىراگېدىيەلەر سىياسىي دىيالوگسىزلىقنىڭ بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئەسىرىدۇر. زىددىيەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇنداق ئىنسانىي قۇسۇرغا خاتىمە بېرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.»

يىغىندىن كېيىن كېڭەش ئەزالىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەتبۇئاتقا يېپىق ھالدا كېڭەش ئۆتكۈزدى، بىراق بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر