سومالىدا زەنجىرسىمان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مۇدۇگ رايونىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

556237
سومالىدا زەنجىرسىمان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان مۇدۇگ رايونىدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىككى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇدۇگ رايونى گالكايو ناھىيەسى پۇنتلاند شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەركىزىگە قىلىنغان قوش ھۇجۇمدا كۆپ سانلىقى پۇقرا بولۇپ 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ھەيدىگەن بىر ئاپتوموبىل بومبىنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا پارتلىتىلىشىدىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا توپلانغان خەلقنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقان ئىككىنچى ئاپتوموبىل بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ۋەقە توغرىسىدا رەسمىي بايانات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر