«سۈرىيە كىرىزىسىنى رۇسىيەسىز ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە مەسىلىسىنى رۇسىيەسىز ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

555399
«سۈرىيە كىرىزىسىنى رۇسىيەسىز ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ «‹ Sputnik › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ رايوندا بىر - بىرىگە دوست دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كېلىشتىن بۇرۇن «رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىڭلارنى مۇستەھكەملىگىنىڭلار ياخشى» دېگەن دۆلەتلەرنىڭ نورماللىشىش باسقۇچىدىن كېيىن، بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ھەممىگە ئايان. سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنى توختىتالىشىمىز مۇمكىن. سۈرىيەنىڭ چېگرا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ قارىشى ئوخشاش. موسكۋا ھۆكۈمىتى ھەسسە قوشمىسا، سۈرىيە مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىران بىلەنمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە رۇسىيە بىلەن دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشى مۇمكىن، چۈنكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە شۇنداق قىلىۋاتقانلارمۇ بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر