ئامېرىكىدا بىر گېزىت ئوباماغا چاقىرىق قىلدى

سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان ئامېرىكىنىڭ لۇئىسانا ئىشتاتىدا چىقىدىغان بىر يەرلىك گېزىت، پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ دەم ئېلىشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن ئىشتاتنى زىيارەت قىلىشنى چاقىرىق قىلدى.

554999
ئامېرىكىدا بىر گېزىت ئوباماغا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان لۇئىسانا ئىشتاتىدا چىقىدىغان ئەڭ كۆپ تىراژلىق «TheAdvocate» گېزىتى، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ 13 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن دەم ئېلىشىنى يېرىم يولدا توختىتىپ قايتىشىنى چاقىرىق قىلدى.

لۇئىسانا ئىشتاتىدا توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سەل ئاپىتىدە 40 مىڭ ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ لۇئىسانا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەي دەم ئېلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى، چوڭ نارازىلىق قوزغىدى.

«TheAdvocate» گېزىتى لۇئىسانا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى جون بېل ئېدۋاردس «جىددىي ئەھۋال» ئېلان قىلىپ، فېدېراتسىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، باراك ئوبامانىڭ ھەر يىلى ماسساچۇستىس ئىشتاتىدىكى «مارساس ۋىنېيارد» ئارىلىدىكى دەم ئېلىشىنى توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى.

گېزىتنىڭ ئوباماغا قىلغان چاقىرىقىدا: «پىرېزىدېنت ئوباما لۇئىسانا ھازىر سىزگە ئېھتىياجلىق. سەل سۈيى لۇئىسانانى خاراپ قىلىۋاتقان پەيتلەردە، پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىشتاتىمىزنى زىيارەت قىلىش ۋاقتى كەلدى» دېيىلدى.

لۇئىسانا ئىشتاتىنىڭ دېموكراتلاردىن بولغان ۋالىيسى ئېدۋاردس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوبامانىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئىشتاتتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە قىلغان تەلەپلىرىگە دەل ۋاقتىدا جاۋاب ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

كالىفورنىيە ئىشتاتىدىمۇ يۇقىرى تىمپېراتۇرا ۋە قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 200 گە يېقىن ئۆي كۆيۈپ كەتتى، 82 مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر