ئامېرىكىدا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى مەكتەپ ئۈستىدىن مەنىۋى تۆلەم داۋاسى ئاچتى

مەكتەپ مەسئۇللىرى كىچىك بالىدىن مەجبۇرلىغان ھالدا، «مەن دائىشقا ئەزا تېررورچى ۋە مەكتەپنىڭ تاملىرىنى بومبا بىلەن پارتىلىتىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دەپ بايانات ئالغان.

554392
ئامېرىكىدا بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى مەكتەپ ئۈستىدىن مەنىۋى تۆلەم داۋاسى ئاچتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە تېگى پاكىستانلىق ۋە ئامېرىكا گەرەژدانى مۇسۇلمان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى، پەرزەنتىگە مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ مەجبۇرلىغان شەكىلدە «مەن دائىشقا ئەزا تېررورچى» دېگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مەنىۋى تۆلەم داۋاسى ئاچتى.

ئامېرىكا مېدىياسىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە كۆرە، لوڭئىسلاندتىكى بىر مەكتەپتە 12 ياشلىق ناشۋان ئۇپپال ئىسىملىك ئۆسمۈر مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا «تېررورىست» دەپ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن دېكابىر ئېيىدا مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئەرز سۇنغان.

مەكتەپ مەسئۇللىرى كىچىك بالىدىن مەجبۇرلىغان ھالدا، «مەن دائىشقا ئەزا تېررورچى ۋە مەكتەپنىڭ تاملىرىنى بومبا بىلەن پارتىلىتىشنى پىلانلاۋاتىمەن» دەپ بايانات ئالغان.

ساقچىلار بۇ باياناتقا بىنائەن كىچىك بالىنىڭ ئۆيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. گەرچە ئۆيدە ھېچ قانداق جىنايەت ئەسلىھەسى تېپىلمىغان بولسىمۇ، بالىنى بىر ھەپتە مەكتەپتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش جازاسى بەرگەن.

بۇنىڭغا قارىتا ئۆسمۈرنىڭ ئائىلىسى «East Islip Union Free School District» ناملىق مەكتەپ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، مەنىۋى تۆلەم داۋاسى ئاچقان. داۋادا كېچىك بالىنى مەجبۇرلار بايانات ئالغان كىشىلەرنىڭ جون دولان، مارك بېرنارد ۋە جاسون سىتانتون قاتارلىق مەسئۇللار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

ئائىلىنىڭ ئادۋۇكاتى داۋىد ئانتۋورك بۇ ئىشتىن ئۆسمۈرنىڭ مەنىۋى جەھەتتە ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، كەمسىتىلىشكە ۋە قىلمىغان بىر جىنايەتنى مەجبۇر ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەكتەپ مەسئۇللىرى بولسا، مەسىلىنىڭ سوتتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر