شىۋېتسىيەدە مۇساپىر بالىلارنىڭ جىنسىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىۋېتسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن «ئافتونبلادېت»، مالمۆ شەھىرىدىكى ئىگە – چاقىسىز مۇساپىر بالىلارنىڭ جىنسىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

554406
شىۋېتسىيەدە مۇساپىر بالىلارنىڭ جىنسىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن «ئافتونبلادېت»، مالمۆ شەھىرىدىكى ئىگە – چاقىسىز مۇساپىر بالىلارنىڭ جىنسىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقىنى، شىكايەت قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي ساقچىلارنىڭ بۇ مەسىلىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكىمۇ ئورۇن بېرىلگەن خەۋەردە، مۇساپىر قىز – ئوغۇل بالىلارنىڭ مەكتەپنىڭ باغچىسىدىن ئېلىپ كېتىلىپ جىنىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقى دەۋا قىلىندى.

مەسىلە قايتا - قايتا مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ساقچىلارنىڭ بالىلارنى ئېلىپ كەتكۈچىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەكتەپ مۇدىرى، بىر مۇساپىر بالىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، Sydsvenskan گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سكون رايونى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى لىسا گرىن، مالمۆدا مۇساپىر بالىلارنىڭ جىنسىي ئالاقە تىجارىتىگە سېلىنغانلىقىنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ، پەقەت 2014 – يىلى ئىچىدىلا ساقچىلارغا بۇ ھەقتە 40 قېتىم مەسىلە مەلۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، جىنسىي ئالاقە سودىسىغا سېلىنغان بالىلار سانىنى بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

لىسا گرىن، ۋەقەنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي ساقچىلارنىڭ ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر